01 لاگېر شاھىدى گۇلباھار خاتىۋاجىنىڭ لاگېرغا تۇتۇلۇش ۋە قويۇپ بېرىلىش جەريانىدىكى گۇۋاھلىق خاتىرىسى

  Рет қаралды 1,616

Uyghur Transitional Justice Database UTJD

Uyghur Transitional Justice Database UTJD

2 жыл бұрын

لاگېر شاھىدى گۇلباھار خاتىۋاجىنىڭ لاگېرغا تۇتۇلۇش ۋە قويۇپ بېرىلىش جەريانىدىكى شاھىدلىق خاتىرىسى بىرىنچى بۆلۈم
پۈتۈن دۇنيادىكى بارلىق شەرقىي تۈركىستانلىق خانىم- قىزلارنىڭ خاتىرجەم، تېنچ ۋە باۋاۋەر ھاياتقا ئېرىشىشىنى ئۈمۈت قىلىمىز!
پۈتۈن دۇنيادىكى بارلىق شەرقىي تۈركىستانلىقلارنى لاگېرغا سولانغانلارنىڭ تىزىملىكىنى ئارخىپلاشتۇرۇش خىزمىتىگە ياردەم قىلىشىنى ۋە ئۆز تونۇش-بۈلۈشلىرى، ئۇرۇق تۇققانلىرىنى تىزىملىتىپ ئارخىپلاشتۇرۇپ، خىتاينىڭ لاگېردا بىگۇناھ ئۈلۈپ كەتكەن ۋە ئىز دېرەكسىز يوقىتىۋېتىلگەن كىشىلەرنى ۋىروس تارقالغاندىن كېيىن يۇقۇملۇنۇپ ئۈلۈپ كەتكەن دىگەن باھانە بىلەن ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىنى يوشۇرۇپ قېلىشتىن بۇرۇن ھەركەتكە ئۆتۈشىنى جىددي تەلەپ قىلىمىز. شۇنداقلا پۈتۈن دۇنيادىكى بارلىق تەشكىلات ۋە جامائەت ئەرباپلىرىنىڭ بۇ خىزمەتكە جىددي قاراپ خەلىققە چاقىرىق قىلىشىنى ۋە تەشكىللىك ھەركەتكە ئۈتۈپ تەشۋىقات ۋە ئارخىپ يىغىش خىزمەتلىرىگە ياردەمدە بولىشىنى تەۋسىيە قىلىمىز.
قېنى ھەممىمىز بەش مىنوت ۋاقتىمىزنى چىقىرىپ گۇۋاھلىق فىلىمى ئالايلى ۋە ئۇنى ئىمانىي بۇرچىمىز دەپ تارقىتايلى. قانداق ئېلىشنى ۋە نىمە سۆزلەشنى بىلمىسىڭىز تۆۋەندىكى ئالاقىلىشىش ئۇسۇلى ئارقىلىق ئالاقىلىشىڭ. بىز سىزگە قانداق ئېلىشنى تەپسىلىي چۈشەندۈرىمىز.
ئۇيغۇر ئەدلىيە ئارخىپ ئامبىرى توغرۇلۇق مەلۇمات
ئۇيغۇر ئەدلىيە ئارخىپ ئامبىرى، بىز 2017-يىلنىڭ بېشىدىن باشلىغان خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغان لاگېر ۋە تۈرمىلەردىكىلەرنىڭ ئارخىۋىنى تۇرغۇزۇپ، ئۇلارنىڭ مەلۇماتىنى يىغىدىغان مەخسۇس تۈر بولۇپ، ئامېرىكا دېموكراتىيەنى ئىلگىرى سۈرۈش فوندىنىڭ تەستىقلىشى بىلەن رەسمى ئورگان شەكلىدە قۇرۇلۇپ، 2019- يىلى 7- ئايدىن باشلاپ مۇنتىمىز خىزمەت قىلىۋاتىمىز. بىز ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ئەھۋالىنى ئىگەللەش ۋە خاتىرىلەش ئۈچۈن ئومۇمىي يۈزلۈك ئارخىپلاشتۇرۇش خىزمىتىنى ئېلىپ بارىمىز.
ئارخىپ ئامبىرىمىزنىڭ ئاساسلىق نىشانى ۋە خىزمىتى شەرقى تۈركىستاندا خىتتاي كوممۇنىست پارتىيىسى تەرىپىدىن زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان، يىغىۋېلىش لاگىرلىرى ۋە ئاتالمىش سىياسىي قايتا ئۆزگەرتىش لاگىرلىرىدا تۇتۇپ تۇرۇلىۋاتقان، مەجبۇرى يوقىتىۋېتىلگەن، مەجبۇرى ئەمگەككە سېلىنىۋاتقان، يۆتكىۋېتىلگەن، سىياسى ۋە دىنىي بەتناملار بىلەن تۈرمىلەرگە كېسىلگەنلەر ۋە ئۆلگەنلەرنى تىزىملاپ ئارخىپلاشتۇرۇش ھەم ئۇنىڭدىن ئىلگىرلىگەن ھالدا ستاتىسكىلانغان دوكلات تەييارلاشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
ئۇيغۇر ئەدلىيە ئارخىپ ئامبىرى بارلىق ۋەتەنداشلارنى تۇتقۇن قىلىنغان، لاگېرلارغا قامالغان، ئالاقىسى ئۈزۈلۈپ قالغان ۋە يوقۇتۇپ قويغان ئۇرۇق تۇققانلىرىنى بىزگە تىزىملىتىپ ئۇلارنىڭ ئارخىۋىنى قالدۇرۇش بىلەن بىللە ئۇلار ئۈچۈن توردا گۇۋاھلىق بېرىشكە چاقىرىق قىلىدۇ.
سىز پەقەت بىز بىلەن ئالاقىلىشىپ سىنلىق ياكى ئاۋازلىق گۇۋاھلىقىڭىزنى بىۋاستە توردا سۆزلەپ بەرسىڭىزلا بولىدۇ. گۇۋاھلىقىڭىزنى بىز بىۋاستە توردىن ئېلىپ دۇنياغا تارقىتىمىز.
باش توربەت ئادرىسىمىز
www.utjd.org/​
ئۇيغۇر ئەدلىيە ئارخىپ ئامبىرى ئارخىپلاشتۇرۇپ تىزىملاش تور سەھىپىسى
www.utjd.org/register/​
بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ «غايىپلار خىزمەت گۇرۇپىسى» جەدۋىلنى
www.utjd.org/register/bdt/​
لاگېر شىھىتلىرىنى تىزىملاش سەھىپىسى
www.utjd.org/register/shehitl...
خىتاينىڭ مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارغا سېلىۋاتقان تەھدىتىنى پاش قىلىش سەھىپىسى
www.utjd.org/register/tehdit/​
تىۋېتتېر تەشۋىقات قانىلى
/ uyghurjustice​
يۇتۇب گۇۋاھلىق قانىلى
kzfaq.info/love/7EM...
فېسبوك قانىلى
Uyghur.TJD/?...
ئالاقىلىشىش ئۇسۇلى
Telfon: +47 99850702
Whatsapp: +47 99850702
ئېلخەت ئادرىسى
Epost: info@utjd.org
بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ.
ھۆرمەت بىلەن:
ئۇيغۇر ئەدلىيە ئارخىپ ئامبىرى

Пікірлер: 1
@rahimtash254
@rahimtash254 5 ай бұрын
Жудаям гузал аёл.
Gym belt !! 😂😂  @kauermtt
00:10
Tibo InShape
Рет қаралды 16 МЛН
New model rc bird unboxing and testing
00:10
Ruhul Shorts
Рет қаралды 25 МЛН
Inside Out 2: Who is the strongest? Joy vs Envy vs Anger #shorts #animation
00:22
Ehiau Feli fanai chungchangah Michelle Varte arawn tawngchhuak e🤐
46:26
TUESDAY NIGHTMARE
Рет қаралды 154 М.
U TAWNA'N MAMI A HMANGAIH # BASED ON TB AWARENESS
15:16
FTH Official
Рет қаралды 130 М.
Gym belt !! 😂😂  @kauermtt
00:10
Tibo InShape
Рет қаралды 16 МЛН