Рет қаралды 4,002
بۇ داڭلىق چاقچاقچى روزاخۇننىڭ چاقچاق سەھنىسى، بۇ پىروگرامما دۆلەت دەرىجىلىك غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسى ئىلى چاقچاقلىرىنى يەنىمۇ بېيىتىپ ۋە راۋاجلاندۇرۇپ، ئۇنىڭغا ۋارىسلىق قىلىش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇش ئۈچۈن ئۈزلۈكسىز تىرىشىپ ۋە ئىزدىنىپ كەلمەكتە. شۇڭلاشقا بۇ پىروگرامما يولغا قويۇلغاندىن بېرى تاماشىبىنلارنىڭ ياقتۇرۇشىغا ئېرىشكەن ئالقىشلىق پروگراممىغا ئايلاندى، پەرىدىئو مىليارت كۈلكە سەھنىسى يۇمۇرىستىك تىل بىلەن رەڭگارەڭ پېرسوناژلار ئوبرازىنى ناھايىتى جانلىق يارىتىپ تاماشىبىنلارغا كۈلكە ئاتا قىلىپلا قالماي، ھازىرقى بەختلىك تۇرمۇشنى قەدىرلەش، تىرىشچان بولۇش، ئىجىل ئىناق ئۆتۈش قاتارلىق ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ ئەنئەنىۋى گۈزەل ئەخلاقىنى كەڭ تەشۋىق قىلىدۇ.