ۋەسىلە قىلىش ھەققىدە

  Рет қаралды 122

دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ پەتۋالىرى

دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ پەتۋالىرى

10 күн бұрын

سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم رەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ، ئۇستاز! ۋەسىلە قانداق بولىدۇ؟ بۇرۇندا ئۆتكەن ئۇلۇغ كىشىلەرنى ياكى ئۇلارنىڭ ئىسلام ئۈچۈن كۆرسەتكەن خىزمەتلىرىنى ۋەسىلە قىلىپ دۇئا قىلىشقا بولامدۇ؟
جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ.
بارلىق ھەمدۇسانالار جانابىي ئاللاھقا بولسۇن، دۇرۇد ۋە سالاملار پەيغەمبىرىمىزگە، ئۇ زاتنىڭ ئائىلە - تاۋابىئاتلىرىغا، ئەسھابلىرىغا ۋە ئۇ زاتقا تاكى قىيامەتكىچە ئەگەشكەنلەرگە بولسۇن!
«ۋەسىلە» ئەرەب تىلىدا: «مەقسەتنى ھاسىل قىلىشقا ياردەمچى بولىدىغان ۋاسىتە» مەنىسىدە بولۇپ، «تەۋەسسۇل» «يېقىنلىق ئىزدىمەك، ۋەسىلە قىلماق» دېگەنلىك بولىدۇ.(1)
شەرىئەتتىكى مەنىسىمۇ شۇنىڭغا يېقىن بولۇپ، ئىمام نەسەفىي مۇنداق دەيدۇ: «ۋەسىلە دېگەن ئۇرۇق - تۇغقانچىلىق، يېقىنلىق، ياخشىلىق قىلىپ قويۇش ۋە ياكى ئۇنىڭدىن باشقا يېقىنلىشىشقا ئىشلىتىدىغان ھەرقانداق نەرسە بولۇپ، بۇ تائەت - ئىبادەتلەرنى قىلىش ۋە گۇناھ - مەئسىيەتلەرنى قىلماسلىقتىن ئىبارەت بولغان ئاللاھ تائالاغا يېقىنلاشتۇرىدىغان ئىشلارغا ئىشلىتىلىدۇ».(2)
مۇسۇلمان كىشى پەرۋەردىگارىغا پەرۋەردىگارى بەلگىلەپ بەرگەن تۈرلۈك سالىھ ئەمەللەرنى قىلىش ئارقىلىق يېقىنلىشىدۇ، ئاللاھ تائالا «ۋەسىلە» دېگەن سۆزنى «قۇرئان كەرىم»دە ئىككى ئورۇندا بايان قىلغان. ئاللاھ تائالا مۇنۇ ئايەتتە ۋەسىلىگە بۇيرۇغان: ﴿ئى ئىمان ئېيتقانلار! ئاللاھتىن قورقۇڭلار، ئۇنىڭغا يېقىنلاشتۇرىدىغان ۋەسىلە ئىزدەڭلار!﴾(5/«مائىدە»: 35).
مۇنۇ ئايەتتە ئاللاھ تائالا ئۆزىگە ۋەسىلە قىلىدىغانلارنى مەدھىيەلىگەن: ﴿ئۇلار (ئىلاھ دەپ) چاقىرىۋاتقان ئاشۇ بۇتلار قايسىمىز پەرۋەردىگارىمىزغا تېخىمۇ يېقىن بولىمىز دەپ يېقىن بولۇشنى ئارزۇ قىلىدۇ. ئۇنىڭ رەھمىتىنى ئارزۇ قىلىپ، ئازابىدىن قورقىدۇ. پەرۋەردىگارىڭنىڭ ئازابى ھەقىقەتەن ساقلىنىشقا تېگىشلىكتۇر ﴾(17/«ئىسراﺋ»: 57)
ئابدۇللاھ ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ﴿ئۇلار (ئىلاھ دەپ) چاقىرىۋاتقان ئاشۇ بۇتلار قايسىمىز پەرۋەردىگارىمىزغا تېخىمۇ يېقىن بولىمىز دەپ يېقىن بولۇشنى ئارزۇ قىلىدۇ﴾ دېگەن ئايەت توغرىسىدا: «ئىنسانلاردىن بىر قىسىم كىشىلەر جىنلارغا ئىبادەت قىلاتتى. ئۇلار ئىبادەت قىلغان جىنلار مۇسۇلمان بولغان بولسىمۇ، ئۇ ئىنسانلار يەنىلا ئۆزلىرىنىڭ دىنىغا چىڭ ئېسىلىۋېلىپ مۇسۇلمان بولمىدى» دېگەن.(3)
يەنە ھەدىسلەردە «ۋەسىلە» سۆزى جەننەتتىكى ئالى ئورۇن مەنىسىدە كەلگەن.
جابىر ئىبنى ئابدۇللاھ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما رىۋايەت قىلىدۇكى، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم دېگەن: «كىمكى ئەزاننى ئاڭلاپ بولغاندىن كېيىن: مۇشۇ مۇكەممەل چاقىرىقنىڭ ۋە ئوقۇلۇۋاتقان مۇشۇ نامازنىڭ پەرۋەردىگارى ئى ئاللاھ! مۇھەممەدكە جەننەتتىكى ئالى ئورۇن بىلەن ئارتۇق مەرتىۋىنى ئاتا قىلغىن! ئۇنى سەن ۋەدە قىلغان مەدھىيەلىنىدىغان ماقامغا يەتكۈزگىن! دېسە، ئۇ قىيامەت كۈنى مېنىڭ شاپائېتىمگە ئېرىشىدۇ» دېگەن.(4)
سوئاللار تۆۋەندىكى نومۇرغا ياكى ئىلخەتكە ياكى توپلاردىن بىرىگە يوللانسا بولىدۇ:
ئېلخەت: saciyeder@gmail.com
ۋاتسئاپ:
00905511745625
chat.whatsapp.com/JHGXHR8F8Zc...
chat.whatsapp.com/Iu3jcXBTH2D...
chat.whatsapp.com/IIS1mKtrIok...
chat.whatsapp.com/3ZdsGZEgdd5...
تېلېگرام قانىلى:
t.me/EastTurkistans
جاۋابلار ساجىيە ئىسلام بىلىملىرى توربېتى sajiya.biz/ دە ئېلان قىلىنىدۇ.
ھ. 1443 / م. 2022
ھ.1443 / م.2022 رامازاندا سورالغان سوئاللارغا جاۋاب
sajiya.biz/?p=8475&uls=uu

Пікірлер
نامازدىن كېيىن قىرائەت قىلىش ، جامائەت بولۇپ زىكىر ۋە دۇئا قىلىش
23:53
دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ پەتۋالىرى
Рет қаралды 168
아이스크림으로 체감되는 요즘 물가
00:16
진영민yeongmin
Рет қаралды 39 МЛН
A clash of kindness and indifference #shorts
00:17
Fabiosa Best Lifehacks
Рет қаралды 25 МЛН
جىن چاپلىشىۋالسا قانداق قىلىش كېرەك ؟
7:11
دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ پەتۋالىرى
Рет қаралды 205
Bunisiga nima deysiz | Farruh Soipov 2024
14:36
Husniya ☾
Рет қаралды 124 М.
نەقشىبەندىييە تەرىقىتىدىقكى « رابىتە » نىڭ ھۆكمى
11:01
دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ پەتۋالىرى
Рет қаралды 83
سۇ كىرىپ كەتكەن قەبرنى يۆتكەش توغرىسىدا
4:15
دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ پەتۋالىرى
Рет қаралды 45
المهدي الحقيقة الكاملة وكل ما يجب أن تعرفه
3:05:58
على خطى الحبيب
Рет қаралды 102 М.
بىر نەرسىنى ئۆلۈپ كەتكەن كىشىنىڭ روھىغا ئاتاش
2:50
دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ پەتۋالىرى
Рет қаралды 120
ئىبرەت ۋە تەربىيە يۈزىسىدىن پەيغەمبەر ۋە پەرىشتىلەر ھەققىدە ھېكايە توقۇش ۋە ئاڭلاش
11:12